إعدادات العرض
كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى،…
كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ يولىدا دوستلاشقان بىر قېرىندىشىنى يوقلىسا، بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا: ياخشى ئىش قىلدىڭ، باسقان قەدەملىرىڭ مۇبارەك بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييارلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ»
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Tiếng Việtالشرح
كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن كېسەل يوقلىغىلى ياكى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىكەن، ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: گۇناھتىن پاك بولدۇڭ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سەن ئۈچۈن تەييارلانغان مۇكاپاتتىن خۇرسەن بولغىن، جەننەتتىن ئۆزۈڭگە تۇرىدىغان بىر قەسىر تەييارلىدىڭ دەيدۇالتصنيفات
كېسەل يوقلاش ئەخلاقى