پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى

ئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپتىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئۇ كىشى دادىسى بىلەن جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سوئال سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا (ئۈچ لىتىر) يېتىدۇ» دېدى، بىر كىشى: «ماڭا يەتمەيدۇ» دېگەن ئىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «سەندىن ياخشى ۋە سەندىن چېچى كۆپ كىشىگىمۇ بىر سا سۇ يىتەتتى» (بۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىدۇ) دېدى، ئاندىن بىرلا كېيىم بىلەن بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، يەنە بىر سۆزدە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى» دېيىلگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەبۇ جەئپەر مۇھەممەد ئىبنى ئەلى دادىسى بىلەن ھۆرمەتلىك ساھابە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بولغان ئىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بىر مۇنچە كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردىن بىرى جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن جۇنابەتتىن غۇسلى قىلىشتا قانچىلىك سۇنىڭ يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۇئال سورىدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا سۇ يېتىدۇ» دېدى، ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنەفىي كىشىلەر بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدى، ئۇ: «ئۇنچىلىك سۇ ماڭا جۇنابەتتىن غۇسلى قېلىشقا يەتمەيدۇ» دېدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىر سا سۇ سەندىن چېچى كۆپ، سەندىن ياخشى، دىنىغا ۋە پاكىزلىققا سەندىنمۇ بەك ھېرىسمەن بولغان كىشىگە يېتەتتى» (بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەقسەت قىلىدۇ) دېگەن، بۇ ھەدىس سۈننەتكە ئەگىشىپ، سۇنى ئىسراپ قىلماسلىققا قىزىقتۇرىدۇ، ئاندىن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن

التصنيفات

غۇسلى قىلىش