ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەر ئىھرامدىن چىقىپتۇ، سىلى چىقماپلا، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە…

ئى رەسۇلۇللاھ! كىشىلەر ئىھرامدىن چىقىپتۇ، سىلى چىقماپلا، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئى رەسۇلۇللاھ! سىلى ئۆمرىنىڭ ئېھرامىدىن چىقماپلا، ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭدىن چىقىپتۇ، بۇ نېمە ئىش؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چېچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن قۇربانلىقنى بوغۇزلىمىغىچە ئېھرامدىن چىقمايمەن، دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە ئۆمرىگە ۋە ھەجگە بىراقلا ئېھرام باغلىدى، چۈنكى بۇ قېتىمقى ئىھرامدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق سوزۇلىدىغان بولغاچقا، چىچىغا يىلىمدەك بىر نەرسە سۈركەپ قاتۇردى. بەزى ساھابىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش (نىيەتتە) ئىھرام باغلىدى ۋە بەزىلىرى ئۆمرىنىلا قىلىپ ئاندىن ھەجگىچە نورمال ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۆمرىگىلا ئىھرام باغلىدى. بەزىلىرى قۇربانلىقىنى ھەيدەپ ماڭغان بولسىمۇ، كۆپىنچىلىرى ئۇنداق قىلمىدى. ئۇلار مەككىگە يىتىپ كېلىپ تاۋاپ قىلىپ، سافا - مەرۋىنى سەئىي قىلىپ بولغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغۇز ھەجنىلا قىلىدىغان ياكى ئۆمرە بىلەن ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ قىلماقچى بولغان ئەمما قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلمىگەنلەرنى ھەج ئىھرامىنى سىلىپ ئۆمرىگىلا ھېسابلاپ ئىھرامدىن چىقىشقا بۇيرىدى، ئەمما ئۆزى ۋە ساھابىلاردىن قۇربانلىقىنى ئىلىپ كەلگەنلەر بولسا ئىھرامىنى بۇزماي داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئايالى ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سىلى ئۆمرىنىڭ ئىھرامىدىن چىقماپلا، ئەمما كىشىلەر ئېھرامدىن چىقىپتۇ، نېمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟ دىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مەن چىچىمغا يىلىم سۈركەپ قاتۇردۇم ۋە قۇربانلىقىمغا بەلگە قىلدىم، ئۇنداق بولغانىكەن مەن ھەج تۈگەيدىغان ۋە قۇربانلىق قىلىدىغان كۈنى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ ئۇنى جايىغا تەككۈزمىگۈچە ئېھرامدىن چىقىشىم چەكلىنىدۇ، دېدى

التصنيفات

ھەجنىڭ سۈپىتى