شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ

شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «شەھىد ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىتتا پەقەت چۆمۈلە چاققانچىلىكلا ئاغرىق ھېس قىلىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئىنسان ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان ۋاقىتتا، ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئۇنىڭغا يېتىدىغان نەرسە، دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە: ئۆلتۈرۈلۈشتىن يەتكەن ئەلەمدىن خۇددى بىزلەرنىڭ بىرىمىز چۆمۈلە چېقىۋالغاندا ئاغرىق ھېس قىلغاندەك ھېس قىلىدۇ، دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە: چۆمۈلە چاققانچىلىك ھېس قىلىدۇ، دېيىلگەن، يەنى شېھىت باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش سەكراتنىڭ ۋە ئۆلۈمنىڭ ئاچچىغىنى تېتىمايدۇ، بەلكى ھېس قىلىدىغان ئەڭ قاتتىق ئاغرىق چۆمۈلە چېقىۋالغانچىلىك ئاغرىق بولىدۇ، چۆمۈلىنىڭ چاققان ئاغرىقى تىزدىن يوق بولىدۇ، ئىنسان ئۇنى تۇيماي قالىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ شېھىتكە قىلغان مەرھىمىتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى ئاللاھنىڭ يولىدا ئەرزىمەس قىلىپ تەقدىم قىلغاچقا، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا ئۆلۈمنىڭ ئاغرىقىنى يەڭگىل قىلدى

التصنيفات

جىھادنىڭ پەزىلىتى