إعدادات العرض
كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن
كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كاپالەت بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كاپالەت بېرىمەن» دېدى، مەن -دېدىم: مەن: يەنى سەۋبان ھەقىقەتەن كىشىلەردىن بىرنەرسە سورىمايتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt සිංහල Hausa Kurdîالشرح
ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىق، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن تۇرمۇش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن ياردەم تىلىمەسلىككە ۋەدە بەرسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جەننەت بىلەن كاپالەت بەردى، چۈنكى مەخلۇقتىن بىر نەرسە سوراشنى تاشلاش بىلەن ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىدۇ، بۇ شۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئۇنىڭ مۇكاپاتى بولسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتكە كىرگۈزىشىدۇر، سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كىشلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا ۋەدە بەرگەن، ھەتتا "ئىبنى ماجە"دە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ھەدىستە: «سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلاغقا مىنگەن ۋاقتىدا قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ھېچ كىشىگە قامچامنى ئېلىۋەتكىن دېمەستىن، ئۆزى ئۇلاغدىن چۈشۈپ ئالاتتىالتصنيفات
زاھىدلىق ۋە تەقۋادارلىق