ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن

ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدىكى ئەنسارىلارنىڭ ئىچىدىكى خورمىلىق بېغى ئەڭ كۆپ كىشى ئېدى، ماللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەبۇ تەلھە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى ئۇدۇلىدىكى«بەيرەھا» دېگەن بېغى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ باغدىكى تاتلىق سۇدىن ئىچەتتى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغىچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر» دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا ئەبۇ تەلھە ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا ساڭا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ماللىرىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم «بەيرەھا» دېگەن بېغىمدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئەسقاتىدىغان مال بولۇشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۇنى سەدىقە قىلىمەن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ئۇنى ئاللاھ ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئىشلەتكىن» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە: «شۇنداق قىلىمەن ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دەپ، ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قېلىپ بەردى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەدىنىدە ئەنسارىلار ئارىسىدا بېغى كۆپ كىشى ئىدى، مەسچىتنىڭ قىبلە تەرىپىگە ئۇدۇل جايدا ئۇنىڭ سۈيى تاتلىق بىر بېغى بارئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ باغقا كىرىپ ئۇنىڭ تاتلىق سۇلىرىدىن ئىچەتتى: { ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەت نازىل بولغان چاغدا، ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالدىراپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا:{ ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەرپ قىلمىغۇچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر } دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىلىم «بەيرەھا» دېگەن باغ، مەن ئۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن سەدىقە قىلىپ سىلىگە تۇتتۇم دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مەردلىكىدىن ئەجەبلىنىپ: «ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ!، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن» دېدى، ئەبۇ تەلھە ئۇنى تۇققانلىرىغا ۋە تاغىسىنىڭ بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى

التصنيفات

ۋەقپى, ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى, نەپلە سەدىقە