إعدادات العرض
1- ھەققىنى ئادا قىلمايدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئىگىسىگە قىيامەت كۈنى ئوتتىن لېگەنلەر ياسىلىپ، ئۇنى جەھەننەم ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىگىسىنىڭ بېقىن، پېشانە ۋە دۈمبىسى داغلىنىدۇ
2- كىمكى ئاللاھغا بويسۇنۇپ ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئاللاھ يولىدا بىر ئات تەييارلىسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئاتنىڭ يېگىنى ۋە ئىچكىنى، تېزەكلىگىنى ۋە سىيگەنلىرىدىن تارتىپ ئۇ كىشىنىڭ ياخشىلىق تارازىسىغا چۈشىدۇ
3- ئې رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم! مەن خەيبەردىن بىر زېمىنغا ئېرىشتىم، مەن ئىلگىرى بۇنىڭدىن ئەتىۋارلىقراق بىر مالغا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدىم. ئۇنى قانداق قىلىشىمنى بۇيرۇيلا؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر خالىساڭ ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋەخپە قىلغىن ۋە چىققان ھوسۇلنى سەدىقە قىلغىن، دېدى
4- ھاي،ھاي! نېمە دېگەن پايدىلىق مال بۇ، مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى ئاڭلىدىم، مەن ئۇنى يېقىنلىرىڭغا بېرىشىڭنى لايىق كۆرىمەن