إعدادات العرض
بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىقتۇق، ھاۋا قاتتىق ئىسسق ئىدى، ھەتتاكى بەزىلىرىمىز ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قولىنى بېشىغا…
بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىقتۇق، ھاۋا قاتتىق ئىسسق ئىدى، ھەتتاكى بەزىلىرىمىز ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قولىنى بېشىغا قويۇۋالاتتى، بىزنىڭ ئارىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئېدى
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىقتۇق، ھاۋا قاتتىق ئىسسق ئىدى، ھەتتاكى بەزىلىرمىز ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن قولىنى بېشىغا قويۇۋالاتتى، بىزنىڭ ئارىمىزدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھەدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Hausa Português Kurdîالشرح
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ دەيدۇكى: ئۇلار بىر رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىققان ئىدى، ئۇ سەپەر ناھايتى قاتتىق ئىسسىق ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، ھەتتاكى ئىسسىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن كىشىلەر باشلىرىنى ئىسسىقتىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قوللىرىنى باشلىرىغا قويۇۋالاتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئەنسارىلاردىن بولغان ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتمىغان ئىدى، ئۇ ئىككەيلەن مۇشۇ قېيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ روزا تۇتتى. بۇ سەپەردە مۇشەققەت بىلەن بولسىمۇ، ھالاكەتكە ئېلىپ بارمايدىغانلام بولسا، روزا تۇتۇشنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەردىندۇر. تەيسىيرىل ئەللام 327- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 432- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم241- بەتالتصنيفات
ئۈزۈرلۈك كىشىلەرنىڭ روزىسى