ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قايتۇرىلىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش…

ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قايتۇرىلىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا

سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز رەت قىلىنىدىغان ئىككى خىل دۇئا بار، بىرسى؛ ئەزان ئېيتىلىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا، يەنە بىرسى؛ تازا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇھەدىستە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىپ، مۇجاھىدنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا قىلغان دۇئاسىنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىجابەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەزان ئوقۇلغاندىن تارتىپ ھەتتا نامازغا تەكبىر ئېيتىلغانغا قەدەرقىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەزاننىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ

التصنيفات

دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇش ۋە بولماسلىق سەۋەپلىرى