إعدادات العرض
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز…
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى ۋە قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم مازىنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى، ئىككى رەكەتتە قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى. يەنە بىر ئىبارىدە «سەيناغا چىقتى» دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português Kurdîالشرح
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىگىلا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ئاللاھ تائالادىن يامغۇر تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىھتىياجنى ۋە يىلىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان تەرەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى، ئاللاھ تائالادىن بۇ قۇرغاقچىلىقنى كۆتۈرۋىتىشنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۆزگۈرۈشكە ئۈمىدۋار بولۇپ، بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كەڭچىلىككە ۋە مولچىلىققا ئۆزگەرتىپ بېرىشىگە ئۈمىدۋار بولۇپ رىداسىنى تەتۈر كەيدى، ئاندىن ئىككى رەكەت سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇدى. ئۇ جامائەت نامىزى بولغانلىقتىن قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدىالتصنيفات
يامغۇر تىلەش نامىزى