مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگەئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى…

مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگەئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتتى

مۇتەررىپ ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتتى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئوقۇپ بولغان ۋاقىتتا، ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ كىشى ماڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى ئەسلەتتى ياكى بىزگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بەردى» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇھەدىستە نامازنىڭ سىموۋۇللۇق شۇئارى بايان قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ نامازدا تەكبىر ئىيتىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئۇلۇغلۇق ۋە كاتتىلىقنى ئىسپالاتلاشتىن ئىبارەت، مۇتەررىپ ئۆزىنىڭ ئىمران ئىبنى ھۈسەين بىلەن بىرگە ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەجدىگە بارغاندا، سەجدىدىن تۇرغاندا، تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئەتتىن قىيامغا تۇرغاندا تەكبىر ئىيىتقانلىقىنى، كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئورۇنلاردا ئاشكارا تەكبىر ئېيتىشنى تەرك قىلغانلىقىنى، نامازدىن بىكار بولغاندا، ئىمران ئىبنى ھۈسەيننىڭ مۇتەررىپنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇشۇ ئورۇنلاردا تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىنى ئەسلەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى