مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لېكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگۈنۈم…

مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لېكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگۈنۈم بويۇنچە ناماز ئوقۇپ بېرىش

ئەبى قىلابە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلجەرمى ئەلبەسرى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس بىزنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمىزگە كېلىپ: مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لىكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن بولسام شۇنداق ناماز ئوقۇپ بېرىش، دېدى. ئەييۇب ئەبۇ قىلابىگە: ئۇ قانداق ناماز ئوقۇيتتى؟ دېسەم. ئەبۇ قىلابە: بىزنىڭ مۇشۇ ئاقساقىلىمىز «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» غا ئوخشاش، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇرۋىتەتتى، دېدى. شەيخىدىن مەقسەت: ئەبۇ بۇرەيد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ئەبۇ قەلابە مۇنداق دەيدۇ: ساھابە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس مەسچىتكە كىرىپ بىزگە مۇنداق دېدى: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئەمەلىي ئۈگۈتۈپ قوياش ئۈچۈن بىر ناماز ئوقۇپ بىرەي، سىلەر ئۇنى ئېسىڭلاردا ياخشى ساقلىۋالغايسىلەر. ئەبۇ قەلابىدىن رىۋايەت قىلغان كىشى: سىلەرگە مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى قانداق كۆرسەتتى دېگەندە، ئۇ: بىزنىڭ بۇ ئاقساقىلىمىز ئەبۇ يەزىد ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە ئەلجۇرمىنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇپ بەردى، ئۇ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى رەكەتكە تۇرۇشتىن بۇرۇن بىر ئاز ئولتۇرۇپ ئاندىن قوپاتتى

التصنيفات

نامازنىڭ سۈپەتلىرى