يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى…

يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەت نازىل بولدى

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: يەھۇدىيلار: ئايال كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ جىما قىلسا بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دەيىتتى، بۇ ۋاقىتتا: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» نازىل بولدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

يەھۇدىيلار ھېچ قانداق ئىلىمغا تايانماي جىنسى ئالاقە ئۇسۇللىرىدا تار يول تۇتاتتى ئۇلار كىتاپ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋىس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشەتتى، يەھۇدىيلارنىڭ: ئەر كىشى ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كىلىپ جىنسى ئەزاسىغا جىما قىلسا، ئاشۇ جىمادىن تۆرەلگەن بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دېگەن سۆزى توقۇلما گەپلىرىدىن بىرى ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى

التصنيفات

نىكاھنىڭ ئەدەپلىرى