نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارە بار ئىدى، كېيىن…

نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارە بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم: «ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارەت بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم:«ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە چەكلەنگەن ئىمىلداشلىق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئون قېتىم ئېمىش بولۇپ بۇ توغرىدا ئايەت نازىل بولغان، كېيىن بۇ ئايەتنىڭ تىكىستى ۋە ھۆكمى ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتتۇق. بۇ ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئايەت بەك كېچىكىپ نازىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم بەزى كىشىلەرگە مەخپى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتنىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيدىغانلىقى بايان قىلىنغان

التصنيفات

ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچى, ئېمىش, ئەمەلدىن قالدۇرۇش