خەجلەڭ ياكى تارقىتىڭ ياكى نەپ يەتكۈزۈڭ، سېقىۋەتمەڭ، بولمىسا ئاللاھمۇ سىزگە سېقىۋىتىدۇ، ئايىماڭ، ئاللاھمۇ سىزگە ئاياپ قالمىسۇن

خەجلەڭ ياكى تارقىتىڭ ياكى نەپ يەتكۈزۈڭ، سېقىۋەتمەڭ، بولمىسا ئاللاھمۇ سىزگە سېقىۋىتىدۇ، ئايىماڭ، ئاللاھمۇ سىزگە ئاياپ قالمىسۇن

ئەسما بىنتى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «يوشۇرۇپ قويماڭ، سىزگىمۇ يوشۇرۇپ قويۇلىدۇ. باشقا رىۋايەتتە: «خەجلەڭ ياكى تارقىتىڭ ياكى نەپ يەتكۈزۈڭ، سىقىپ ئىلىپ قالماڭ، بولمىسا ئاللاھمۇ سىزگە سىقىۋىتىدۇ، ئايىماڭ، ئاللاھمۇ سىزدىن ئاياپ قالمىسۇن» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسماغا مۇنداق دېدى: «قولىڭىزدىكى نەرسىنى چىگىپ يۇشۇرۇپ، باشقىلاردىن چەكلەپ قويماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز سىزدىن رىزىق ئۈزىلىدۇ» دەپ، ئۇنى ئاللاھ رازىلىقىدا خىراجەت قىلىشقا بۇيرىدى، رىزىق ئۈزۈلۈپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ سىقماڭ، ئۇ خىراجىتىڭىزنىڭ ئۈزۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇ(سىزگە ئاللاھ سىقىپ قويىدۇ) دېگەن سۆزنىڭ ئىزاھاتىدۇر، مالنىڭ ئارتۇقىنى كەمبەغەلدىن چەكلەپ قويماڭ، ئاللاھمۇ ئۆز پەزلىنى سىزدىن توسۇپ، چەكلەپ قويىدۇ

التصنيفات

نەپلە سەدىقە