مەن مەسچىتتە باھاسى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر توننى كېيىپ ئۇخلىغان ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ تۇيدۇرماستىن ئۇنى مەندىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ…

مەن مەسچىتتە باھاسى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر توننى كېيىپ ئۇخلىغان ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ تۇيدۇرماستىن ئۇنى مەندىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىدى

سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن مەسچىتتە باھاسى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچىنى يىپىپ ئۇخلىغان ئىدىم، بىر كىشى كېلىپ تۇيدۇرماستىن ئۇنى مەندىن ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلتۈرۈلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ قولىنى كېسىشكە بۇيرىدى. سەفۋان: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئوتتۇز دەرھەم ئۈچۈن ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ساتقان بولاي، پۇلىنى نىسى قىلىپ بېرەي،- دېسەم، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا ئەپكىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى،- دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە ئۈستىگە چاسا يىپىنچا يىپىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇنى بىر ئوغرى تۇيدۇرماستىن ئوغۇرلاپ قېچىپ كەتتى، ئۇ كىشى ھايال بولماي تۇتۇلۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئوغرۇلۇق جازاسىغا تارتىلىش ئۈچۈن كەلتۈرۈلدى، سەفۋان ئۇ كىشىگە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: قىممىتى ئوتتۇز دەرھەملىك بىر يىپىنچا سەۋەبلىك ئۇنىڭ قولىنى كېسەملا؟، مەن ئۇنى ئۇ كىشىگە ساتقان بولاي، پۇلىنى ھالى ياخشىلانغۇچە كېچىكتۈرۈپ ئالاي،- دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇنى ماڭا يىتىپ كىلىشتىن بۇرۇن ئەپۇ قىلساڭ بولمامتى؟، چۈنكى جىنايەتلەر قازىنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ،- دېدى

التصنيفات

جازا ئىجرا قىلىش شەرتلىرى, ئوغۇرلۇقنىڭ جازاسى