پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ…

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېۋىلەرنى پىشىشتىن ئىلگىرى سېتىشتىن چەكلىدى. پىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دېيىلگەندە: قېزىرىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئاللاھ مېۋىنى چەكلەپ قويسا سىلەرنىڭ بېرىڭلار قېرىندىشىنىڭ پۇلىنى نېمە ئۈچۈن ئالىدۇ؟» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى كۆپ ئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا مېۋە سېتىشتا سېتىۋالغۇچىغا پايدا يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىنى مېۋە پىشىشتىن ئىلگىرى سودا قىلىشتىن چەكلىدى، خورمىنىڭ پىشقانلىقىنىڭ ئالامىتى غورىسىنىڭ قىزارغانلىقى ياكى سارغايغانلىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن شەرىئەتنى ئەپكەلگۈچى بۇنداق ھالەتتە سودا قىلىشىشدىن چەكلىگەنلىكنىڭ ئىللىتىنى بايان قىلىپ: «ئەي ساتقۇچى!، ئەگەر مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياكى بەزىسىگە ئاپەت كەلسە، سېتىۋالغان قېرىندىشىڭنىڭ پۇلى ساڭا قانداق ھالال بولىدۇ؟، ئۇ مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ پۇلىنى قانداق ئالىسەن؟» دېدى

التصنيفات

چەكلەنگەن ئىلىم-سىتىملار