ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە…

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ھالال كەسپىدىن بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا پەقەت پاك نەرسىلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ، خۇددى ئۇنى سىلەرنىڭ بىرىڭلار تېيىنى بىقىپ چوڭ ئات قىلىۋالغىنىدەك چوڭايتىپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇ سەدىقە تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

كىمكى ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلماستىن ئۆزىنىڭ ھالالدىن كەسىپ قىلغان نەرسىسىدىن بىر تال خورما مىقدارىچىلىك بىر نەرسە سەدىقە قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ سەدىقىنى ئۆزىنىڭ ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. (ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ دېگەن سۆزنى، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئۆزگەرتمەستىن ۋە باشقىچە ئېزاھلىماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ زاتى سۈپىتىگە لايىق ھالدا بولىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك.) مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە بايان قىلىنغاندەك، ئاللاھ ئۇ سەدىقىنى ئېلىپ دېگەن سۆزدىن؛ ئۇنى كۆپەيتىپ خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى تەربىيىلەپ ئات قىلغاندەك ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ

التصنيفات

پەزىلەت ۋە ئەدەپ-ئەخلاق, نەپلە سەدىقە