زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش ۋەقەلىكى

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋاپاتى ۋە قەرزىنى ئادا قىلىش ۋەقەلىكى

خۇبەيبنىڭ دادىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئاتام زۇبەير جەمەل ئۇرۇشى بولغان كۈنى مېنى چاقىردى، مەن يېنىدا تۇردۇم، ئاتام: «ئى بالام!، بۈگۈنكى كۈندە زالىم ياكى مەزلۇم ئۆلتۈرىلىدۇ، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم قىلىنغان ھالدا ئۆلتۈرۈلىمەن دەپ قارايمەن، مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم مېنىڭ قەرىزلىرىمدۇر، سىنىڭچە بىزنىڭ قەرىزلىرىمىزنى تۆلەشكە ماللىرىمىز يېتىپ يەنە ئازراق ئاشارمۇ؟» دېدى، ئاندىن: «ئى بالام! ماللىرىمىزنى سېتىپ قەرىزلىرىمنى ئادا قىلغىن!» دەپ مىلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋەسىيەت قىلدى، ئابدۇللاھنىڭ بالىلىرىغا شۇنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، يەنى: ئابدۇللا ئىبنى زۇبەيرنىڭ بالىلىرىغا مىلىنىڭ تۇققۇزدىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلىپ: «قەرىزلىرىمنى بېرىپ ئېشىنالىساڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى سېنىڭ بالىلىرىڭغا بولسۇن» دېدى. ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلاردىن بىرى بولغان ھىشام مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇللاھنىڭ بەزى بالىلىرى ئاتىسى زۇبەيرنىڭ خۇبەيب ۋە ئەبباد دېگەن بالىلىرى بىلەن تەڭتۈش ئېدى، ئۇ كۈنلەردە زۇبەيرنىڭ توققۇز ئوغۇل، توققۇز قىزى بار ئىدى. ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاتام قەرزى توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغلۇم! ئەگەر سەن قەرىزلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسەڭ، خوجايىنىمدىن ياردەم تېلىگىن» دېدى، مەن ئاتامنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلەلمەي: ئى ئاتا! خوجايىنىڭ كىم؟ دېسەم، ئاتام: «ئاللاھ» دېدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇنىڭ قەرىزلىرىنى ئادا قىلىشتا قانداقلا بىر قېيىنچىلىققا يولۇقسام: «ئى زۇبەيرنىڭ خوجىسى بولغان ئاللاھ! زۇبەيرنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىشقا ياردەم بەرگىن» دەيتىم، ئاللاھ تائالا ماڭا ھەقىقەتەنمۇ قەرىز ئادا قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئاسانلىقلارنى يارىتىپ بەردى. دېگەندەك ئاتام ئۆلتۈرۈلدى، ئاتام ئالتۇن-كۈمۈش قالدۇرماي، زېمىنلارنى قالدۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ئېچىدە مەدىنە ئەتراپىدا «غابە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەشھۇر زېمىن بار ئىدى، مەدىنىدە ئون بىر، بەسرەدە ئىككى، كۇپىدە بىر، مىسىردا بىر قورۇ جاي بار ئىدى، ئاتامنىڭ قەرىزلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى: كىشىلەر ماللىرىنى ئاتامنىڭ يېنىغا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە ئاتام: «ياق، مەن ئامانەتنى زايە قېلىۋىتىشتىن قورقىمەن، بۇ ماڭا قەرىز ھېسابلانسۇن» دەيتتى، ئاتام ھوقوق تۇتقان، باج-سېلىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى يىغىشقا قويۇلغانلاردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ ھاياتىدا پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىلەن غازاتتا بىللە بولغان كىشى ئىدى، مەن ئاتامنىڭ گەدىنىدىكى قەرىزلىرىنى ھېسابلاپ باقسام ئىككى مىلىيۇن ئىككى يۈز مىڭ چىقتى. ھەكىم ئىبنى ھىزام ماڭا ئۇچرىشىپ: «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! ئۇنىڭ قانچىلىك قەرزى بار ئىكەن؟» دېدى، مەن: «يۈز مىڭ» دەپ قويدۇم، ئۇ: «بەلكىم سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار بۇنىڭغا يەتمەسمىكىن» دېدى، مەن: «ئەگەر ئىككى مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ بولسا قانداق قارايسەن؟» دېسەم، ئۇ: «بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر، ئەگەر قەرىز قايتۇرۇشقا ئاجىز كەلسەڭلار مەندىن ياردەم سوراڭلار» دېدى، ئابدۇللا مۇنداق دېدى: زۇبەير «غابە» دېگەن جاينى بىر يۈز يەتمىش مىڭغا سېتىۋالغان ئىكەن، ئابدۇللا ئۇنى بىر مىليۇن ئالتە يۈز مىڭغا سېتىپ: «كىمنىڭ زۇبەيردە ئېلىشى بولسا «غابە» دېگەن زېمىنغا كىلىپ بىزدىن ئېلىۋالسۇن» دەپ ئىلان قىلدى. ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر كەلدى، ئۇنىڭ زۇبەيردە تۆت يۈز مىڭ ئېلىشى بار ئىكەن، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئابدۇللاھقا: «خالىساڭلار ئۇ مېلىمنى سىلەرگە قالدۇراي» دېدى، ئابدۇللا: «ياق» دەپ ئۇنىمىدى، ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر: «خالىساڭلار مېنىڭ ئېلىشىمنى ئەڭ كەينىدە بېرىڭلار» دېدى، ئابدۇللا: «ياق» دېدى، ئابدۇللا ئىبنى جەئفەر: «ئۇنداقتا ماڭا زېمىندىن بىر پارچە بۆلۈپ بېرىڭلار» دېدى، ئابدۇللاھ: «بۇ يەردىن بۇ يەرگىچە ساڭا بولسۇن» دەپ بۆلۈپ بەردى. ئابدۇللا ئۇ زېمىننى سېتىپ قەرىزنى تولۇق تۈگەتكەندىن كېيىن تۆت يېرىم ئۈلۈش قېلىپ قالغاندا ئۇ مۇئاۋىيەنىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇنىڭ بىلەن ئەمىر ئىبنى ئوسمان، مۇنزىر ئىبنى زۇبەير ۋە ئىبنى زەمئە قاتارلىقلار بار ئىدى، مۇئاۋىيە: «غابەگە قانداق باھا قويۇلدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «ھەر بىر ئۈلۈش يۈز مىڭ» دېدى، مۇئاۋىيە: [ئۇنىڭدىن قانچىلىك قالدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «تۆت يېرىم ئۈلۈش» دېدى، مۇنزىر ئىبنى زۇبەير: «بىر ئۈلۈشنى يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، ئەمىر ئىبنى ئوسمان: «بىر ئۈلۈشنى مەن يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، ئىبنى زەمئە: «بىر ئۈلۈشنى مەن يۈز مىڭغا ئالاي» دېدى، مۇئاۋىيە: «ئەمدى قانچىلىك قالدى؟» دېدى، ئابدۇللا: «بىر يېرىم ئۈلۈش» دېدى، ئۇ: «ئۇنداقتا مەن ئۇنى بىر يۈز ئەللىك مىڭغا ئالاي» دېدى، كېيىن ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەر ئۆز نېسىۋىسىنى مۇئاۋىيەگە ئالتە يۈز مىڭغا سېتىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ زۇبەيرنىڭ ئوغلى قەرىزلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندا زۇبەيرنىڭ باشقا بالىلىرى: «مىراسىمىزنى ئارىمىزدا تەقسىم قىلغىن» دېيىشتى، ئابدۇللا: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە: "زۇبەيردە قەرزى بارلار كەلسۇن، بىز ئۇنى قايتۇرىمىز" دەپ ئۇدا تۆت يىل ئۆتمىگىچە مىراسنى تەقسىم قىلمايمەن» دېدى، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە شۇنداق جاكارلاپ، تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارغا تەقسىم قىلدى، زۇبەيرنىڭ تۆت ئايالى بولۇپ، ھەر بىر ئايالغا بىر مىليۇن ئىككى يۈز مىڭدىن تەگدى، زۇبەيرنىڭ ئومۇمى مېلى ئەللىك مىليۇن ئىككى يۈز مىڭ چىقتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

جەمەل (بۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قاتىللىرىنى تاپشۇرۇش سەۋەبپلىك يۈز بەرگەن ئۇرۇش) كۈنىدە زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن ئۆزۈمنى زۇلۇم بىلەن شەھىد قىلىنىدىغاندەك ئويلاۋاتىمەن، مىنى غەمگە سالىدىغىنى بوينۇمدىكى قەرزلىرىم، سەن ئۇنى ئادا قىلغىن دېدى، زۇبەيرنىڭ مىلىنىڭ ھەممىسى قەرىزگە كېتەتتى، شۇنداق بولسىمۇ ئابدۇللانىڭ بالىلىرىغا بەزى ماللارنى ۋەسىيەت قىلدى، چۈنكى ئوغلى ھايات بولغاچقا ئۇلارنىڭ مىراستا نىسىۋىسى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇلارغا مۈلۈكنىڭ توققۇزدىن بىرىنى ۋەسىيەت قىلدى، ئۇنىڭ توققۇز ئوغۇل-توققۇز قىزى بار ئىدى. كىشىلەر ماللىرىنى ئۇنىڭ يېنىدا ئامانەت قويۇشقا ئېلىپ كەلسە، زايا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئامانەت قىلىشقا ئۇنىماي، ئۇ ماڭا ئامانەت ئەمەس، قەرز بولسۇن» دەيىتتى، ئاتام دۇنياغا بېرىلمەيدىغان، ئىشەنچىلىك كىشى ئىدى، ھوقۇق-مەنسەپمۇ تۇتمىغان ئىدى، ئۇ ۋاپات بولغاندا ئوغلى ئۇنىڭ قەرزىنى ئادا قىلىپ مېلىدىن يەنە ئېشىپ قالغاندا ۋارىسلار ئابدۇللاھدىن دادىسىنىڭ مىراسىنى تەقسىم قېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئابدۇللاھ: ياق، ھەر يىلى ھەج مەۋسۈمىدە ئېلان قىلىنىپ، قەرزى بارلاردىن بىرسىمۇ قالمىغانلىقىنى بىلگەندە ئاندىن تەقسىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ شۇنداق قىلدى، قەرىزنى تولۇق ئادا قىلىپ بولغاندا زۇبەيرنىڭ ئاياللىرىغا مالنىڭ سەككىزدىن بىرىنى بەردى، ئۇلار تۆت ئايال بولۇپ، سەككىزدىن بىرى ئۇلارنىڭ مىراستىكى ئۈلىشى ئىدى

التصنيفات

ساھابىلارنىڭ پەزىلىتى, مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالى