كۆرمىدىڭىزمۇ؟ قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپتۇر،-دېدى

كۆرمىدىڭىزمۇ؟ قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپتۇر،-دېدى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدسىتە، ئۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يېنىمغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىرىپ: «قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: كۆرمىدىڭىزمۇ؟ بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. يەنە بىر ئىبارىدە: «مۇجەززىز قىياپەتچى ئىدى» دېگەن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

زەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ چىرايى ئاق، ئوغلى ئۇسامە بۇغداي ئۆڭ ئىدى، كىشىلەر ئىككىسىنىڭ رەڭگى پەرقلىق بولغانلىقتىن ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان سۆزلەرنى قىلىشاتتى. بىر كۈنى ئۇلار باشلىرىنى رىدا بىلەن يېپىپ، پۇتلىرى ئىچىلىپ قالغان ھالىتىدە ئىدى، مۇدلىجلىق قىياپەتچى مۇجەززىز ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ، پۇتلاردىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپ،-دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ قىياپەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئابرويىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قالايمىقان بىلجىرلايدىغانلارنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىلگەنلىكتىن، ئۇسامىنىڭ دادىسىنىڭ پۈشتى ئىكەنلىكىگە كۆڭلى خاتىرجەم بولغانلىقتىن ئائىشەنىڭ يېنىغا چىرايىدىن خۇشاللىق نامايەن بولغان ھالدا كىردى

التصنيفات

لەنەت قىلىشىش