إعدادات العرض
1- ئاتاڭلاردىن يۈز ئۆرىمەڭلار، كىمكى ئاتىسىدىن يۈز ئۆرىسە بۇ كۇپۇرلۇقتۇر
2- كۆرمىدىڭىزمۇ؟ قىياپەتچى مۇجەززىز زەيد ئىبنى ھارىسە بىلەن زەيىدنىڭ ئوغلى ئۇسامىگە قاراپ: بۇ پۇتلار ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە مەنسۇپتۇر،-دېدى
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بىر كىشى ئايالىنى «زىنا قىلدى» دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئۇ ئايالدىن بولغان بالىغا تاندى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككەيلەننى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغاندەك بىر-بىرىگە لەنەت قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار لەنەت قىلىشقاندىن كىيىن بالىنى ئانىسىغا بۇيرۇپ، لەنەت قىلىشقان ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتى
4- بالا تۆشەككە تەۋە، زىناخورغا تاش ئېتىلىدۇ