رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە…

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەڭمۇ-تەڭ بولمىسا كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا ئېلىم-سېتىم قىلىشتىن توستى، ۋە كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە خالىغىنىمىزچە ئېلىم-سېتىم قىلشىمىزغا بۇيرۇدى،-دېدى، بىر كىشى ئۇنىڭدىن قولمۇ-قول بولۇشى كېرەكمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئەبۇ بەكرە: مەن يۇقارقىدەك ئاڭلىغان،- دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە پەرقلىق قىلىپ سېتىش جازانە بولغاچقا، ئىككىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەڭ بولمىسا ئېلىپ-سېتىش چەكلەندى، ئەمما سودا مەيدانىدا نەخ ئېلىش ۋە تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشنى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە پەرقلىق بولسىمۇ سېتىشقا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا چەكلەنگەن نېسى جازانىسى بولىدۇ، چۈنكى تۈر پەرقلىق بولسا ئارتۇق-كەم قىلىپ سودا قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىلىم-سېتىم قىلىنغان ئالتۇن-كۇمۇشنى سودا بولغان ۋاقىتتا قولغا نەخ ئىلىش شەرت قىلىنمىغىنىدا جازانىغا ئىلىپ بارىدۇ.

التصنيفات

جازانە قىلىش