ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار! دەپ مەكتۇپ يوللىدى

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار! دەپ مەكتۇپ يوللىدى

بەجالە ئىبنى ئەبەدە:: ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: «ھەر قانداق ئەر-ئايال سىھرىگەرنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ مەكتۇپ يوللىدى، بىز ئۈچ سېھرىگەرنى ئۆلتۈردۇق،-دېدى. ئىبنى ئۆمەردىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ھەفسەنى ئۇنىڭ دېدىكى سېھىرلەپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلدى، مەن ئابدۇرراھمان ئىبنى زەيدنى بۇيرۇدۇم، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈردى. ئەبۇ ئوسمان ئەننەھدىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىندى: ۋەلىدنىڭ يېنىدا بىر كىشى ئويۇن قىلىپ، بىر ئادەمنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ بېشىنى تېنىدىن ئاجراتقاندىن كېيىن، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭدىن ھەيران قالغان ئىدۇق، شۇ ۋاقىتتا جۇندۇب ئەلئەزدى كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى

[بۇ ھەدىس ھەممە ئىسنادلىرى بىلەن سەھىھ] [بەيھەقى"شۆئەبىل ئىمان"(ئىمان شاخچىلىرى)ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

سېھرىگەرلىك ئىجتىمائى ئاپەتنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىكى بولۇپ، چۈنكى ئۇ سەۋەبلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلىكىنى ناھەق يەۋېلىش، ئەر-ئايال ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى كۇپۇرلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلاردا شەيتانلارغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سوراش بار. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى پاكىزە، بىخەتەر، توغرا يولدا بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىردىن-بىر چارىسىنى ئۇ سېھرىگەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، جەمىئيەتنى ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل تازلاشنىڭ چارىسىنى يولغا قويدى، مانا بۇ ساھابىلار قىلغان ئىش.

التصنيفات

ئىسلامنى بۇزىدىغان ئامىللار