پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى…

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى

ئەبۇ قەتادە ئەلئەنساري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەرگە چىقىپ، كېچىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتاتتى، ئەگەر تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن بىرەر جايغا چۈشسە قولىنى تىكلەپ، بېشىنى ئالقىنىغا قويۇپ ئارام ئالاتتى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاش ئۈچۈن كېچىنىڭ ئەۋۋىلىدە بىرەر جايغا چۈشسە ئوڭ يېنىنى بېسىپ يىتىشى، تاڭ ئېتىشتىن بىرئاز بۇرۇن چۈشسە قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا يۆلۈنۈپ ئارام ئېلىشى سەپەردىكى سۈننىتى ئىدى. چۈنكى كىچىنىڭ ئەۋۋىلىدە جىسمىنىڭ ئۇيقۇغا بولغان ئىھتىياجىنى بېرىش ئۈچۈن ئوڭ يېنىنى بېسىپ ئۇخلايتتى، ئەمما بامدات نامىزىغا يېقىن ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ كېتىپ، بامدات نامىزىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن قولىنى تىكلەپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۇخلايىتتى

التصنيفات

سەپەر قىلىش ئەخلاقى ۋە ھۆكۈملىرى