پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ، ھەتتا ئايالىغىمۇ يېقىن كەلمەي تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەت قىلىشقا سورىغان رۇخسىتىنى رەت قىلدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ، ھەتتا ئايالىغىمۇ يېقىن كەلمەي تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەت قىلىشقا سورىغان رۇخسىتىنى رەت قىلدى

سەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمان ئىبنى مەزئۇننىڭ، ھەتتا ئايالىغىمۇ يېقىن كەلمەي تەركى دۇنيا بولۇپ ئىبادەت قىلىشقا سورىغان رۇخسىتىنى رەت قىلدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

سەئد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىبادەتكە يۈزلىنىشكە بولغان رىغبىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن، ھاياتنىڭ لەززەتلىرنى تاشلاپ، پۈتۈن ۋاقتىنى ئىبادەتكە ئاجرىتىشنى ئىرادە قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزدىن ئاياللاردىن قول ئۈزۈپ ئاللاھقا تائەت - ئىبادەت قىلىشقىلا يۈزلىنىشكە رۇخسەت سورىۋىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا رۇخسەت بەرمىدى. چۈنكى ھاياتنىڭ پۈتۈن لەززەتلىرىنى تاشلاپ پۈتۈن ۋاقتىنى ئىبادەتكىلا ئاجرىتىش بولسا، دىندا ھەددىدىن ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇ دىندا ئەيىبلەنگەن زاھىدلىقتۇر. ئەمما دىننىڭ ئەڭ تۇغرا يولى بولسا، ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان ئىبادەتلەرنى جايىدا ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسان ئۆز نەپسىنى دۇنيا لەززەتلىرىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوسمانغا رۇخسەت بەرسە ئېدى، ئىبادەتتە قاتتىق تىرىشىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتەتتى

التصنيفات

نىكاھ