إعدادات العرض
بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تەرەپتىن بولغان ھاممىسى بىر ئەرنىڭ زىممىسىدە بولمايدۇ
بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تەرەپتىن بولغان ھاممىسى بىر ئەرنىڭ زىممىسىدە بولمايدۇ
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى تەرەپتىن بولغان ھاممىسى بىر ئەرنىڭ زىممىسىدە بولمايدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Português Kurdîالشرح
بۇ پاك شەرىئەت كىشىلەرگە ياخشىلىق ۋە پايدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى، زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىق بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىگە قارشى كۆرەش قىلدى. ئۇنىڭ قاتارىدىن؛ بۇ شەرىئەت بىر بىرىمىز بىلەن چىقىشىپ، مېھرى - مۇھەببەت بىلەن ئۆتۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ۋە يىراقلىشىش، ئالاقىنى ئۈزۈش ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشىشتىن چەكلىدى. شەرىئەت بەزى مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى ھالال قىلدى، كۆپۈنچە ھالدا ئەر كىشى كۆپ خوتۇنلۇق بولسا ئۇ خوتۇنلار ئارىسىدا ھاسىل بولىدىغان كۈنلەش سەۋەبىدىن ئۆچ - ئاداۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارىسىدا ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ يۈز بېرىشىدىن قورقۇپ، كۆپ خوتۇنلۇقنىڭ بەزى تۇغقانلار ئارا بولۇپ قېلىشىدىن چەكلىدى. مەسىلەن: ئاچا - سىڭىللارنى بىر- بىرسىنىڭ ئۈستىگە، دادىسى تەرەپتىن ھاممىسىنى ئوغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ئۈستىگە، قىز قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئانا تەرەپتىن ھاممىسىنىڭ ئۈستىگە نىكاھلاپ ئېلىشتىن ۋە ئۇندىن باشقىلاردىن چەكلىدى. مەسىلەن: ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى ئوغۇل، يەنە بىرىنى قىز، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنسا، ئا ئوغۇلغا ما قىزنى نىكاھلاپ ئېلىش نەسەپ جەھەتتىن ھارام بولىدىغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىنى جۇغلاپ ئېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. بۇ ھەدىس، ئاللاھ تائالانىڭ، (ئۇندىن باشقىلار سىلەرگە ھالال قىلىندى) دېگەن سۆزىنىڭ ئومۇمى مەناسىنى ئىپادىلەيدۇالتصنيفات
نىكاھلىنىش چەكلەنگەن ئاياللار