ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار

ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياخشى قۇلغا قوش ئەجىر بار» دېگەن ئىدى، ئەبۇ ھۈرەيرە: «ئەبۇ ھۈرەيرىنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قېلىش، ھەج قېلىش، ئانامغا ياخشىلىق قېلىش قاتارلىق ئەمەللەر بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن قۇل بولۇپ ئۆلۈشنى ياخشى كۆرەتتىم» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز خوجايىنىغا سەمىمى، ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان ئىككى ئەجىر بار» دېدى، يەنى: ئىبادەتلەردىن ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىقى، خوجايىنىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قېلغانلىقى ئۈچۈن. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: قۇللار ئۈچۈن جىھاد قىلمايدىغانلىقى ۋە ئۆزى ئانىسىنىڭ خىزمىتى ۋە خىراجىتىنى قىلمىغان بولسا ئەجىرنى دەپ قۇللۇق ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ

التصنيفات

قۇل ئازات قىلىش