سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ…

سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى قول ئاستىدا بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن نەرسىدىن يېگۈزسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيگۈزگەن، سىلەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر بۇيرۇساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار

مەئرۇر ئىبنى سۇۋەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۈستىگە چىرايلىق تون كىيگەن ھالدا كۆردۈم، ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ ئۇچىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تون بار ئىكەن، مەن ئۇنىڭدىن بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىسام ئۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا بىر ئادەمنى يەنى قۇلنى ئۇنىڭ ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ تىللىغانلىقىنى، شۇ چاغدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئەخلاقى بار ئادەمكەنسەن، قۇللار بولسا ئاللاھ سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا قىلغان خىزمەتكارىڭلار ھەم ئىنسانىي قېرىندىشىڭلاردۇر، قانداق بىر كىشىنىڭ قېرىندىشى قول ئاستىدا بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەن نەرسىدىن يېگۈزسۇن، ئۆزى كىيگەن نەرسىدىن كىيگۈزسۇن، سىلەر ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇماڭلار، ئەگەر بۇيرۇساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار »

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەسىلىلىرىدە ئوخشاش بولۇش، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىماسلىق، ئەگەر بۇيرۇپ قالسا ئۇلارغا ياردەملىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈش،ئۇلارنى خارلىغان ۋە ھاقارەت قىلغانلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن، چۈنكى ئۇلار بىزگە دىنى قېرىنداشلاردۇر

التصنيفات

گۈزەل ئەخلاقلار