ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ

ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئات، تۆگە ۋە ياكى يا ئوقى بىلەن مۇسابىقە قىلسا بولىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ن]

الشرح

بۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ: ماددى مۇكاپات بەلگىلەپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش تۆۋەندىكى ئىشلاردا دۇرۇس بولىدۇ. ئات، تۆگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا، يەنە ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىدا مۇكاپات بەلگىلەش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار جەڭ ۋە جىھادلارغا تەييارلىق بولىدۇ. بۇ مەيداندا مۇكاپات بەلگىلەش ئۇلارنى جىھادقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۈندەيدۇ. ئاتقا خېچىر ۋە ئىشەكلەرمۇ قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇيىقى بار ھايۋانلار، گاھى بۇلارنىڭ تىز يۈگىرىشىگە ئىھتىياج چۈشىدۇ. ئىشەك خېچىرلار جەڭ مەيدانىغا قۇرال-ياراغ ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا جەڭلەردە ئاتقا ياندىشىپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان تۈرلۈك قۇراللارمۇ تىلغا ئېلىنغان قۇراللار قاتارىغا كىرىدۇ

التصنيفات

مۇسابىقە، قىمار