ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

ئەبۇ سەئلەبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئەگەر سەن ئوۋغا يا ئوقۇڭنى ئاتقاندىن كېيىن، ئۇنى تاپالماي بىر مۇددەتتىن كېيىن تاپقىنىڭدا، ئوۋ بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا يىگىن، بۇزۇلغان بولسا ئۇنى يىمىگىن

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

يۇقىرىدىكى ھەدىس توۋەندىكىكلەرنى ئۇقتۇرغان: ئوۋچى يا ئوقى بىلەن ۋەياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر بىلەن ئوۋنى ئېتىپ چۈشۈرگەندە ئۇنى تاپالماي قالسا، بىر مۇددەتتىن كېيىن ئىزدەپ تاپقاندا قاراش كېرەك، ئوۋدا ئۆزىنىڭ يا ئوقىنى كۆرسە يىسە بولىدۇ. ئەمما ئوۋ بۇزۇلۇپ گۆشلىرى ئېچىپ قالغان بولسا ئۇنى يېيىش دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئوۋ گۆشى مەينەت نەرسىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ، ئىنساننىڭ سالامەتلىكىگە زىيان سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت بۇنى چەكلەيدۇ

التصنيفات

ئوۋ ئولاش