بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، گۇناھ بولىدىغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ

بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، گۇناھ بولىدىغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «بىرەر كىشى مېنىڭ مۇشۇ مۇنبىرىمنىڭ يېنىدا ھۆل مىسۋاكچىلىك نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ، يالغان قەسەم قىلسا دوزاختىن ئۆزىگە ئورۇن تەييارلىغان بولىدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام مالىك"مۇئەتتا"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىكى مۇنبىرىنىڭ يېنىدا كۆزگە ئېلىنمايدىغان ئاددى نەرسە ئۈچۈن بولسىمۇ يالغان قەسەم قىلغۇچىنىڭ گۇناھى چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ، چۈنكى بۇ ئورۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇپ دېگەن ۋەز-نەسىھەتلىرى ئەسلىنىدىغان جاي بولۇپ، يالغان قەسەم قىلغۇچى مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ئەكسىنى قىلىپ، مۇشۇ جازاغا لايىق بولدى، گۇناھكار قىلىدىغان قەسەم قەيەردە يۈز بەرسە غەزەپكە دۇچار قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلۇغ ئورۇندا قىلىنغاننىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ

التصنيفات

ئەرىز-شىكايەت ۋە دەلىل-ئىسپاتلار