سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا: «سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى…

سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا: «سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى

سەفىينە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ قۇلى ئىدىم، ئۇممۇ سەلەمە ماڭا:«سەن دۇنيادا ياشىغان مۇددەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىڭنى شەرت قىلىپ، سېنى ئازات قىلىمەن» دېدى، مەن: «ماڭا شەرت قىلمىسىلىمۇ دۇنيادا ياشىغان مۇددىتىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلمايمەن» دېدىم، ئۇ شەرت قىلىپ، مېنى ئازات قىلدى

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە سەفىينە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ھاياتلىقىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىنى قىلىش شەرتى بىلەن ئۇنى ئازات قىلغانلىقىنى، ئۇ: شەرت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ھاياتلا بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقىنى، بېلدۈرگەندە، ئۇممۇ سەلەمە (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) شەرت قىلىپ، ئازات قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، ھەدىستە قۇل ئازات قىلىشتا شەرت قىلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار

التصنيفات

قۇل ئازات قىلىش