قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم چاغلىق مال قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ

قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم چاغلىق مال قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ

ئەمىر ئىبنى شۈئەيب دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشىنىڭ زىممىسىدە بىر دەرھەم قالسىمۇ ئۇ يەنىلا قۇل ھېسابلىنىدۇ»

[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] [ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن خوجايىنى بىلەن مەلۇم نەرسىگە توختام تۈزۈشكەن كىشى زېممىسىدىكى توختامنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچە ئۇ كىشى تولۇق ئازاد بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ھۆر ئادەمنىڭ ھۆكمى بېرىلمەيدۇ، ئەگەر زېممىسىدە بىر دەرھەم قالسىمۇ ئۇ قۇل بولۇپ ئۇنىڭغا قۇلنىڭ ھۆكمى ئېجرا قېلىنىدۇ

التصنيفات

قۇل ئازات قىلىش