رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئىككى ھېيىت نامىزىغا بويىغا يەتكەن ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىزغا بۇيرىدى، ھەيىزدارلارنى…

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئىككى ھېيىت نامىزىغا بويىغا يەتكەن ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىزغا بۇيرىدى، ھەيىزدارلارنى ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى

ئۇممۇ ئەتىييە نۇسەيبە ئەنسارىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئىككى ھېيىت نامىزىغا بويىغا يەتكەن ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىزغا بۇيرىدى، ھەيىزدارلارنى ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى. يەنە بىر ئىبارىدە: بىز ھېيىت نامىزىغا چىقىشقا بۇيرۇلدۇق، ھەتتاكى ھەيىزدارلار، ئىچكىرى ئويلەردە تۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ئۇلار جامائەت بىلەن بىرلىكتە تەكبىر ئېيتىدۇ، دۇئا قىلىدۇ، شۇ كۈننىڭ بەركىتى ۋە مەغپىرىتىنى ئۈمىت قىلىدۇ

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت كۈنىلىرى پەزىلەتلىك كۈنلەردىن، ئۇنىڭدا ئىسلام بەلگىلىرى نامايەن بولىدۇ، نامازغا يېغىلىش ۋە ئۇنىڭدا سەپ-سەپ بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلاردىكى قېرنداشلىق گۈزەل بىر تۈس ئالىدۇ. ھەر يۇرۇت كىشىلىرى بىرلىك ۋە ئىتىپاقلىق، دوستانىلىقنى بىر مەيدانغا يېغىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئىسلام غەلبىسى ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، نامازلارنى تۇرغۇزۇش، شەرىئەت بەلگىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن يىغىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللارنى نامازغا چىقىشقا بۇيرىغان، ھەتتا ئۇلاردىن ھەيىزدار بولسۇن، توي قىلىش ئالدىدىكى ئۆيدىن چىقمايدىغان قىزلار بولسۇن چىقىشقا بۇيرىدى، ئەمما ھەيىزدارلار ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىلدى. ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ دۇئالىرىغا قاتنىشىپ ئاشۇ كۈننىڭ بەركىتىگە ۋە ساۋابىغا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مۇكاپاتى يېقىن بولىدۇ. ئىككى ھېيىت نامىزى پەرز كۇپايىدۇر

التصنيفات

ئىككى ھېيت نامىزى