پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈپ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر ئۇچۇم مىقداردا سۇ كەلتۈرىۋىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىلەكلىرىنى سىلاپ يۇدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرەت ئالغان سۇيىنىڭ مىقدارىدىن خەۋەر بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۇچۇم سۇ بىلەن ئىسراپ قىلماي تاھارەت ئالاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇنى يۇيىلىدىغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىلىكىنى سىلايتى

التصنيفات

تەرەتنىڭ سۈپەتلىرى