إعدادات العرض
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، ئۆزى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Hausa Kurdîالشرح
ئەگەردە بىر كىشى: كىشلەر تۈگەشتى، ھالاك بولدى دېسە، بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتىش، ئورنىنى چۈشۈرۈش، بەزى بىر ئارتۇقچۇلۇقى بىلەن ئۆزىنى ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشنى مەقسەت قىلسا، بۇ پىكىرى بىلەن ئۆزى كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ھالاك بولغۇچىدۇر. بۇ كاف ھەرىپىنى پىچ ئوقۇغان رىۋايەتكە ئاساسەن، ئەمما كاف ھەرىپىنى زەۋەر ئوقۇشقا ئاساسەن مەناسى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئۇ كىشى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمۈتسىزلەندۈرۈشى، ئاللاھقا تەۋبە ئارقىلىق قايتىشتىن توسۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىغا سەۋەبچى بولغان، ئۇلار ھالاك بولغانغا قەدەر ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ياشاشقا تۈرۈتكە بولغان بولىدۇ، دېگەن مەنىدەالتصنيفات
چەكلەنگەن سۆزلەر ۋە تىلنىڭ ئاپەتلىرى