بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار

بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، مەككە پەتىھ بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ قۇھاپە كەلتۈرۈلدى، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ چاچ ۋە ساقىلى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەككە پەتھى بولغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھاپە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاق ئۆسۈملۈككە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە كۆرگەن ۋاقتىدا: «بۇنىڭ چاچ ساقاللىرىنى بوياڭلار، لېكىن قارا رەڭدە بوياشتىن ساقلىنىڭلار»دېدى، چۈنكى قارا رەڭ بولسا ئىنساننى ياشلىق ھالىتىگە قايتۇرىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى يارىتىش يولى ۋە تەبىئىتىگە قارشىدۇر، ئەمما قىزىل، سېرىق رەڭلەر بىلەن بوياش ياكى خىنە بىلەن ياكى باشقا ئارىلاشما رەڭلەر بىلەن بويىسا بولىدۇ، رەڭ قارىلىقتىن ھالىتىدىن چېقىپ كېتىپ، قارا بىلەن قېزىل ئارىسىدا بولۇپ قالسىمۇ بولىدۇ، چەكلىمە پەقەت قاپ-قارا رەڭدە بوياشتىن توسۇشتۇر. مۇسلىمنىڭ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان رىۋايىتىدە: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خىنە بىلەن سۇس بويىغان دېيىلگەن

التصنيفات

كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت