كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ

كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

كىمكى قەسەم قىلىپ: مەن ئىسلام دىنىدا ئەمەس (يەنى مەن مۇسۇلمان ئەمەس) ياكى مەن يەھۇدىي ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن كاپىر ياكى مەن دىنسىز دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى بۇ ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولمايدۇ: بىرىنچى ھالەت: ئۇ كىشى قىلغان قەسىمىدە يالغانچى بولسا، مەسىلەن: ئەگەر ئىش مۇنداق-مۇنداق بولسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلىپ، ئۆزى خەۋەر قىلغان ئىشتا يالغانچى بولسا، يەنى بۈگۈن پالانى سەپەردىن قايتىپ كەلدى دەپ يالغان قەسەم قىلىپ، ئەگەر كەلمىگەن بولسا مەن مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان ياكى مەن مۇشرىك دەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئىشتا يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشى دېگىنىدەك بولىدۇ يەنى ئۇ كىشى ئىسلامدىن چىقىدۇ (مۇسۇلمان بولمايدۇ) ياكى يەھۇدى ياكى خىرىستىئان بولۇپ كىتىدۇ. ئىككىنچى ھالەت: ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دېگەن سۆزىدە راستچىل بولسا، يەنى ئەگەر پالانى بۈگۈن سەپەردىن كەلمىسە ياكى مۇنداق ئىشنى قىلمىسا مەن ئىسلامدىن ئەمەس ياكى مەن يەھۇدى ياكى مەن خىرىستىئان دېسە، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان قەسىمىدە راستچىل بولسا، ئۇ كىشى بۇنداق ھالەتتە ئىسلامغا سالامەت قايتمايدۇ، بەلكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېيتقانغا ئوخشاش ئۇ كىشىدىن سادىر بولغان مۇشۇنداق ناچار، قەبىھ سۆزلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىسلامغا مۇكەممەل ھالەتتە قايتمايدۇ، بەلكى ئىمانى ناقىس ھالەتتە قايتىدۇ

التصنيفات

قەسەم قىلىش ۋە نەزىر قىلىش