إعدادات العرض
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان ئۆز ئۈستىگە (نەزرە، يەنى ئاللاھقا ۋەدە قىلىش) بىرەر ئىشنى ئېلىۋېلىشتىن چەكلەپ: ئۇنداق قىلىش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بېخىل ئادەمدىن بىر نەرسە چىقىرىلىدۇ
2- ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «بىر ئىشقا» قەسەم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، باشقا ئىشنى خەيرلىك دەپ قارىسام، قەسىمىمگە كەففارەت بېرىپ، ياخشى دەپ قارىغان شۇ ئىشنى قىلىمەن، دېدى
3- كىمكى مەن ئىسلامدىن ئەمەس دەپ قەسەم قىلسا، ئەگەر يالغاندىن دېگەن بولسىمۇ ئۇ دېگىنىدەك بولىدۇ، ئەگەر راستىن دېگەن بولسا، ھەرگىزمۇ ئىسلامغا سالامەت قايتالمايدۇ
4- سەئد ئىبنى ئۇبادە رەسۇلۇللاھتىن ئانىسىنىڭ ئۈستىدە نەزىر روزىسى بار ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىدىن پەتىۋا سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: قازاسىنى قىلغىن، دېدى
5- ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى
6- ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ
7- ئۇنىڭغا دەڭلار! گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن
8- سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى بېرىپ ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر
9- ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىش، ئازات قىلىش ۋە تالاق قىلىش ھەققى بولمايدۇ
10- ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايىتى بىر ئىنساننىڭ: «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەم، ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەم» دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان
11- سۇلايمان ئىبنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام: «كېچىدە يەتمىش ئايالىمنى ئايلىنىمەن، ئۇ ئاياللارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىدىغان چەۋەنداز تۇغىدۇ دېدى
12- بىر قىسىم ئىقتىسادىڭنى ئېلىپ قال، ئۇ سەن ئۈچۈن ياخشى