إعدادات العرض
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى بېرىپ ئىچكەن قەسەمنى…
سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى بېرىپ ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى ھەققىدە قىلغان قەسىمىنى ئورۇنلاشقا چىڭ تۇرىۋالغانلىغى، ئاللاھ تائالا ھوزۇرىدا ئاللاھ بەلگىلىگەن كەپارەتنى بېرىپ، ئىچكەن قەسەمنى بۇزغانلىقىدىن يامانراقتۇر»
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Hausa Kurdîالشرح
ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئالاقىدار بولغان بىر قەسەم بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىنى بۇزماسلىق بىلەن ئايالىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، قەسىمىدىن قايتىۋېلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمىسا، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ گەردەنكەشلىك قىلىپ قىلغان قەسىمىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئۇ كىشىنىڭ قەسىمىدىن قايتىپ كاپارەت بەرگىنىدىن گۇناھ جەھەتتە ئارتۇقتۇر ۋە كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشىگە گەردەنكەشلىك قىلماستىن، قەسىمىدە چىڭ تۇرىۋالماستىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى ئادا قىلىپ، قەسىمىنى بۇزۇش بەلگىلەنگەن، قەسىمىدىن يېنىۋىلىشتا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىقلا بولمايدىكەن، شۇنداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بەلكى ئۆز ئايالىغا زىيان يېتىدىغان قەسىمىنى بۇزماي چىڭ تۇرىۋىلىشى ئاسىيلىق ۋە چوڭ گۇناھدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىشىدا كەڭرىچىلىك قىلدى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سەن بىر ئىشقا قەسەم قىلساڭ، باشقا بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ قارىساڭ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كاپارەت بەرگىن»دېيىلگەنالتصنيفات
قەسەم