إعدادات العرض
ئۇنىڭغا دەڭلار! گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن
ئۇنىڭغا دەڭلار! گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ئۇ كىشى توغرىلىق سورىدى، كىشىلەر: ئۇ ئەبۇ ئىسرائىل دېگەن كىشىدۇر، ئۇ كۈنگە قاقلىنىپ ئۆرە تۇرۇشنى، ئولتۇرماسلىقنى، سايىدىماسلىقنى، گەپ قىلماسلىقنى، روزا تۇتۇشنى ئاللاھ يولىدا نەزىر قىپتۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنىڭغا دەڭلار، گەپ قىلسۇن، سايىدىسۇن، ئولتۇرسۇن لېكىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن»دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी සිංහල Kurdîالشرح
بۇ ساھابە كىرام گەپ قىلماسلىق، تائام يېمەسلىك، ئۇسسۇزلۇق ئىچمەسلىك، كۈن نۇرىدا تۇرۇپ سايىدىماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزىگە نەزىر قىلغان، بۇ ئۆز نەپسىنى جازالاش ۋە قىيىنچىلىققا سېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق شەكىلدە نەزىر قىلىشنى شەرىئەت چەكلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى بۇ ئىشتىن توسقان، لېكىن ئۇ كىشىنى روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرىغان، چۈنكى روزا تۇتۇش دېگەن شەرىئەتتە يولغا قويۇلغان ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەتنى قىلىشنى نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، شەرىئەت يولغا قويمىغان ئىشلارنى قىلىشنى نەزىر قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش كېرەك بولمايدۇالتصنيفات
نەزىر