ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە…

ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەمشىرەم بەيتۇللاھقا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ بارىمەن دەپ ئۆزىگە نەزىر قىلدى، مېنى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەتىۋا سوراپ كىلىشكە بۇيرىدى، مەن بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، رەسۇلۇللاھ: «پىيادىمۇ ماڭسۇن ۋە ئۇلاغقىمۇ مىنسۇن» دېدى

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى تۈرلۈك بولغاچقا بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۆزىگە قېيىن بولىدىغان ئىشلارنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئوتتۇرھاللىقنى يولغا قويغان، ئىبادەتنى تولۇق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە قېيىن بولمايدىغان ئشلارنى يولغا قويدى. بۇ ھەدىستە، ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەمشىرىسى ئۇنىڭدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ بەيتۇللاھقا يالاڭ-ئاياغ مېڭىپ بېرىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا سوراپ كىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايالنىڭ مەلۇم مۇساپىگىچە پىيادە يول يۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى مېڭىشقا ئىمكانىيىتى بولسا مېڭىشقا، ئەگەر چارچاپ قىلىپ مېڭىپ بولالمىسا ئۇلاغقا مېنىشكە بۇيرىدى

التصنيفات

قەسەم قىلىش ۋە نەزىر قىلىش