إعدادات العرض
ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا…
ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ
ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن ئى ئابدۇرراھمان! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ. ئەگەر سەن سورىماستىن ساڭا بىرىلسە، ئاللاھ تائالاھ ساڭا ياردەم. ئەگەر بىر نەرسىگە قەسەم ئىچسەڭ، ئۇنىڭدىن غەيرىدە ياخشىلىق بولسا، قەسىمىڭگە كاپپارەت بىرىپ، ياخشىلىق بار ئىشنى قىلغىن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tiếng Việt Hausa Português മലയാളം Kurdîالشرح
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەنسەپنى سوراپ ئېلىشتىن توسقان، چۈنكى ئۇنى سوراپ ئالغان كىشى دۇنياغا ھىرىسمەنلىكىدىن ۋە دۇنيانى ئاخرەتتىن ئەلا بىلگەنلىكتىن يارىدەمسىز تاشلىنىدۇ، خورلىنىدۇ. ئەمما مەنسەپنى سورىماستىن ئۇ كىشىگە بېرىلسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە يارىدەم بېرىدۇ. بىر ئىشقا قەسەم قىلىش ياخشىلىقتىن توساپ قالماسلىقى كېرەك، قەسەم قىلغان كىشى ياخشىلىقنى قەسەمنى بۇزۇشتا كۆرسە ئۇنى بۇزۇپ كەپپارەت بېرىپ ياخشى ئىشنى قىلشى كېرەك