إعدادات العرض
1- بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەيلى قىيىنچىلىق ياكى قولايلىقتا، مەيلى تېتىك ياكى خوش ياقمىغان زامانلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنى ئۆزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرۈشكە ۋە ئىشنى ئۆز ئەھلىدىن تالاشماسلىققا بەيئەت بەردۇق
2- مەندىن كېيىن سىلەرگە بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، سىلەر قوبۇل قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلار بولىدۇ، كىمىكى ئۇ ئىشلارنى ئۆچ كۆرسە گۇناھى ساقىت بولىدۇ، كىمىكى ئۇنى ئىنكار قىلسا، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت بولىدۇ. ئەمما رازى بولۇپ ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى، ئۇلار بىلەن تەڭ ھالاك بولىدۇ،دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، نامازلا ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى
3- دىن نەسىھەت دېمەكتۇر
4- ?ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ قىيىنلاشتۇرغىن، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىر ئىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان كىشىنىڭ ئىشىنى سەنمۇ ئاسان قىلغىن
5- ?ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ
6- كىمكى ئىتائەتتىن چىقسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا گۇرۇھۋازلىق تۈپەيلى ياكى گۇرۇھۋازلىققا چاقىرىپ ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ
7- ئىشىڭلار بىرئادەمگە ئۇيۇشقاندا، بىرسى يېنىڭلارغا كىلىپ، ھاساڭلارنى يېرىپ، جامائىتىڭلارنى بۆلمەكچى بولسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار
8- ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار، ئەگەر سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار ۋە بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىڭلار، مەن دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئاجايىپ ئىختىلاپلارنى كۆرىسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سۈننىتىمگە، شۇنداقلا توغرا يول تۇتقۇچى ئىزباسار خەلىپىلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىڭلار
9- ?يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار
10- ئى ئاللاھ! بىرەر كىشى ئۈممىتىمنىڭ ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشەققەتچىلىك تۇغدۇرغايسەن، كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلغان بولسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا مېھرىبان بولغايسەن
11- سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، بويسۇنۇڭلار، سىلەرمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر، ئۇلارمۇ ئۆز مەجبۇرىيىتىدىن سورىلىدۇ
12- ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىسىدىن سورىلىدۇ، باشلىق پادىچىدۇر، ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا پادىچى، ئايال كىشىمۇ ئېرىنىڭ ئۆيى ۋە بالىلىرىغا قارىتا پادىچى، شۇڭا ھەر بىرىڭلار پادىچى، ھەر بىرىڭلار پادىسىدىن سورىلىدۇ
13- مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىسلام ھاكىمىيتىگە گۇناھغا بۇيرىمىسىلا مەيلى ياقتۇرسۇن ياكى ياقتۇرمىسۇن بۇيرۇقنى ئاڭلىشى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى زۆرۈردۇر، ئەگەرگۇناھقا بۇيرۇسا، بۇيرۇقنى ئاڭلاشقا ۋە بوي سۇنۇشقا بولمايدۇ
14- ئى ئابدۇرراھمان ئىبنى سەمۇرە! مەنسەپنى تىلەپ قولغا كەلتۈرمىگىن، ئەگەر ئۇنى تىلەپ قولغا كەلتۈرىدىغان بولساڭ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ كېتىسەن-دە، ئاللاھ ساڭا ياردەم بەرمەيدۇ
15- ئەگەر ئاللاھ ئەمىر (ھاكىم) غا ياخشىلىق ئىرادە قىلىپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇنتۇپ قالسا ئەسلىتىدىغان، ئەسلىسە ياردەملىشىدىغان راستچىل ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ. ئەگەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمىسا، ئۇنتۇپ قالسا ئەسلەتمەيدىغان، ئەسلىسە ياردەم بەرمەيدىغان ناچار ۋەزىر نېسىپ قىلىدۇ
16- ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ
17- ئى ئەبۇ زەر! مەن سىنى ئاجىز كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ساڭا ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا سەن ئىككى ئادەمگە باش بولمىغىن، بىرەر يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى باشقۇرمېغىن
18- ئى ئەبا زەر سەن بۇ ئىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ دېگەن ئامانەتتۇر ۋە ئۇنى ئۆز ھەققىدە قولىغا ئېلىپ، ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلمىسا، قىيامەت كۈنى ئىنساننى خار قىلىدىغان ۋە پۇشايمانغا قويىدىغان بىر ئىشتۇر
19- قېشىمىزدا بار خام ئالتۇننى ئەسلەپ مېنى نامازدىن مەشغۇل قىلىشىنى خالىمىدىم، شۇڭا تەقسىم قىلىپ بىرىۋېتىشكە بۇيرۇدۇم
20- پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەزد قەبىلىسىدىن ئىبنى لۇتبىيە ئىسىملىك بىر كىشىنى زاكات يىغىشقا بەلگىلىدى، ئۇ قايتىپ كىلىپ: بۇ سىلەرنىڭ، بۇ ماڭا ھەدىيە قىلىندى،- دېگەندە، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇنبەر ئۈستىگە چىقىپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا ئېيتتى
21- ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تەقسىماتتا دەسلەپتە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلارغا كىشى بېشىغا تۆت مىڭ دەرھەمدىن بېرىشنى بىكىتتى