?يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت…

?يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېقىنقى زاماندا سىلەرگە ئەمىر ۋە باشلىقلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىسىلەر، بەزى ئىشلىرىنى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنكار قىلىسىلەر، ئۇنىڭ چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ دىلى بىلەن بولسىمۇ ئۆچ كۆرسە، ئۆزىنى پاك تۇتقان بولىدۇ، ئىنكار قىلغان كىشى خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا رازى بولۇپ ئەگەشكەن كىشى ھالاك بولىدۇ» ساھابىلار: ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ياق، ئۇلار نامازنى ئادا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر»دېدى.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە يېقىندا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەمىر ۋە باشلىقلار توغرىسىدا خەۋەر بەردى، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلىمىز، بەزى ئىشلىرى شەرىئەتكە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىنكار قىلىمىز. شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشنى باشقا تەرەپتىن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولالماي دىلى بىلەن ئۆچ كۆرگەن كىشى گۇناھتىن ۋە نىپاقتىن پاك بولغان بولىدۇ. قولى بىلەن ياكى تىلى بىلەن ئىنكار قىلىشقا قادىر بولغان كىشى شۇ بويۇنچە ئىنكار قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھ-مەسىيەتتىن ۋە ئۇ گۇناھقا شېرىك بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىشىغا رازى بولغان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر ئۇلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: مۇشۇ سۈپەتتىكى ئەمىر ۋە رەھبەرلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ: «ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نامازنى بەرپا قىلغان مۇددەتتە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلماڭلار»دېدى.

فوائد الحديث

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىنقى زاماندا يۈز بېرىدىغان غەيبى ئىشلاردىن خەۋەر بېرىشى ۋە ئۇ ئىشلارنىڭمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن بويۇنچە مەيدانغا كىلىشى بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.

شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلارغا رازى بولۇش ۋە ئۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىپ بىرگە قاتنىشىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئۇنى ئىنكار قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئەمىرلەر شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان رەھبەرلەرگە قارشى چىقىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان قالايمىقانچىلىق، بۇزۇقچىلىق، خاتىرجەمسىزلىك، ناھەق قان تۆكۈلۈش قاتارلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ، شەرىئەتكە زىت ئىشنى پەيدا قىلغان ئەمىر-رەھبەر ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەبرى قىلىش بولسا بۇزۇقچىلىق ۋە باشقا تەرەپلەردە ئۇلارغا قارشى چىققاندىن ياخشىراقتۇر.

نامازنىڭ ئىشى كاتتا ۋە ئۇلۇغ، ئۇ ئىسلام بىلەن كۇپىرنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پەرقتۇر.

التصنيفات

يولباشچىغا قارشى چىقىش