إعدادات العرض
1- بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەيلى قىيىنچىلىق ياكى قولايلىقتا، مەيلى تېتىك ياكى خوش ياقمىغان زامانلاردا بولسۇن، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشقا، ئۇنى ئۆزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرۈشكە ۋە ئىشنى ئۆز ئەھلىدىن تالاشماسلىققا بەيئەت بەردۇق
2- مەندىن كېيىن سىلەرگە بىر تۈركۈم پادىشاھلار ھۆكۈمران بولىدۇ، سىلەر قوبۇل قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلار بولىدۇ، كىمىكى ئۇ ئىشلارنى ئۆچ كۆرسە گۇناھى ساقىت بولىدۇ، كىمىكى ئۇنى ئىنكار قىلسا، قارشىلىق بىلدۈرسە سالامەت بولىدۇ. ئەمما رازى بولۇپ ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشى، ئۇلار بىلەن تەڭ ھالاك بولىدۇ،دېدى. ساھابىلەر: ئى رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا قارشى چىقساقچۇ؟دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ياق، نامازلا ئوقۇپ بېرىدىكەن، ئۇنداق قىلماڭلار، دېدى
3- كىمكى ئىتائەتتىن چىقسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ، كىمكى ئازغۇنلۇق بايرىقى ئاستىدا گۇرۇھۋازلىق تۈپەيلى ياكى گۇرۇھۋازلىققا چاقىرىپ ياكى يۇرتۋازلىققا ياردەم بېرىپ ئۇرۇشۇپ ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ
4- ئىشىڭلار بىرئادەمگە ئۇيۇشقاندا، بىرسى يېنىڭلارغا كىلىپ، ھاساڭلارنى يېرىپ، جامائىتىڭلارنى بۆلمەكچى بولسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار