سىلەر بىر ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ بىرلەشكەن جامائەت بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىرلىكىڭلارنى بۇزۇپ، جامائىتىڭلارنى بۆلۈش ئۈچۈن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنى…

سىلەر بىر ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ بىرلەشكەن جامائەت بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىرلىكىڭلارنى بۇزۇپ، جامائىتىڭلارنى بۆلۈش ئۈچۈن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار

ئەرپەجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «سىلەر بىر ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ بىرلەشكەن جامائەت بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ بىرلىكىڭلارنى بۇزۇپ، جامائىتىڭلارنى بۆلۈش ئۈچۈن بىرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]

الشرح

بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنى بايان قىلىپ بېرىدۇكى، مۇسۇلمانلار بىر ئەمىر ياكى بىر ھاكىمغا ئىتائەت قىلىپ، جامائەت بولغاندىن كېيىن، ئەمىردىن ياكى ھاكىمدىن ھوقۇق تالىشىش ياكى بىرلىككە كەلگەن جامائەتنى بۆلىۋېتىدىغان بىرەرسى ئوتتۇرغا چىقسا ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇ كىشىنى بۆلگۈنچىلىكتىن چەكلەش، ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ.

فوائد الحديث

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئەمىرلەرگە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ ۋە ئۇلارغا قارشى چېقىش ھارامدۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرىگە ۋە جامائەتلىرىگە قارشى چىققان كىشىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئۇ كىشىنىڭ ئەجدادى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنى ئۆلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ.

بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا رىغبەتلەندۈرۈش، بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپتىن چەكلەش.

التصنيفات

يولباشچىغا قارشى چىقىش