بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: قېيىنچىلىق، ئاسانچىلىقتا، ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا، باشقىلارنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىمۇ

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: قېيىنچىلىق، ئاسانچىلىقتا، ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا، باشقىلارنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىمۇ

ئۇبادە بىن سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: قېيىنچىلىق، ئاسانچىلىقتا، ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا، باشقىلارنى بىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىمۇ، ئىشنى ئەھلىدىن تالاشماسلىق، ھەرقانداق جايدا بولساق ھەقىقەتنى دېيىشكە، ئاللاھ توغرىسىدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورۇقماسلىق توغرىسىدا بەيئەت قىلدۇق».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

الشرح

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن رەھبەرلەرگە، ئىش باشقۇرىۋاتقانلارغا ئاسانچىلىق ۋە قىيىنچىلىقتا، بايلىق، كەمبەغەللىكتە، ئۇلارنىڭ بۇيرىقى كۆڭلىگە ياقسۇن ياكى ياقمىسۇن، ھەتتا رەھبەرلەر باشقا كىشىلەرگە مال-دۇنيا، ئەمەل- مەنسەپ بېرىپ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلارنى قىلسىمۇ ئۇلارغا بويسۇنۇش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى. ھەقىقەتەن ئۇلارغا: ياخشى ئىشلارغا بۇيرىغاندا ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغا قارشى ئىسيان قىلماسلىق ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا قارشى چىقىش ئارقىلىق يۈز بېرىدىغان پىتنە-پاسات ئۇلارنىڭ زۇلۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان پاساتچىلىقتىن كاتتا بولىدۇ. ئۇلاردىن ۋەدە ئالغان ئىشلاردىن بىرى: ھەر قانداق جايدا ھەقىقەتنى سۆزلەش، ئاللاھ ئۈچۈن مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قۇرۇقماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

فوائد الحديث

رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ نەتىجىسى بۆلگۈنچىلىكنى يوق قىلىپ، مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

رەھبەرلەرگە، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا، ئاسانچىلىق ۋە قېيىنچىلىقتا، ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردا، باشقىلارنى بىزدىن ئۇستۈن كۆرگەندىمۇ ئۇلارنىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلاش ۋە سۆزىگە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

قەيەردە بولساق ھەق سۆزنى دېيىشىمىز، ئاللاھ ئۈچۈن مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قۇرۇقماسلىقىمىز ۋاجىپتۇر.

التصنيفات

شەرئى سىياسەت, يولباشچىغا قارشى چىقىش