إعدادات العرض
ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى…
ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ تائالا قانداق بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خىل سىردىشى بولىدۇ، بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، يەنە بىرى يامانلىققا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدۇ، دېگەن
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Türkçe اردو 中文 हिन्दी Tagalog Tiếng Việt Hausa മലയാളം Kurdîالشرح
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە شۇنى بايان قىلغان. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر پەيغەمبەرنى زېمىن ئەھلىگە ئەۋەتسە ياكى بىر خەلىپىنى باش قىلىپ تىكلىسە ئۇلارنىڭ ئىككى خاس كىشىسى بولىدۇ. بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرىدىغان. يەنە بىرى يامانلىققا باشلاپ ئۇنىڭغا بۇيرۇيدىغان. يامان مەسلەھەتچىنىڭ زىينىدىن، ئاللاھ تائالا خالىغان بەندىسنى ساقلايدۇ