إعدادات العرض
ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا،…
ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ
مەئقىل بىن يەسار مۇزەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىپ قويسا، ئۇ كىشى ئۆلگەندە، ئۆزى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان كىشىلەرگە ساختىپەزلىك قىلىپ ئۆلگەن بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتنى ھارام قىلىدۇ».
الترجمة
العربية বাংলা Bosanski English Español فارسی Français Bahasa Indonesia Русский Tagalog Türkçe اردو 中文 हिन्दी Kurdî Hausa Português മലയാളം తెలుగు Kiswahili தமிழ் မြန်မာ Deutsch 日本語 پښتو Tiếng Việt অসমীয়া Shqip Svenska Čeština ગુજરાતી አማርኛ Yorùbá Nederlands සිංහල ไทย دری Fulfulde Magyar Italiano ಕನ್ನಡ Кыргызча Lietuvių or Română Kinyarwanda Српски O‘zbek Moore नेपाली Oromoo Wolof Soomaali Malagasy Български Українська Azərbaycan ქართული bm тоҷикӣ Македонскиالشرح
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، ھەر قانداق بىر كىشىنى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە مەسئۇل قىلسا، مەيلى دۆلەت باشلىقى ياكى باشقا ئەمەلدارلاردىن بولسۇن ياكى ئائىلە باشلىقى ۋە باشقا ئىشلارغا مەسئۇل بولسۇن، ئۆزى ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسەتمەي، ساختىپەزلىك قىلىدىكەن، ئۇلارنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ھەق-ھوقۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىدىكەن، بۇنداق كىشىلەر قىيامەتتە دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.فوائد الحديث
ئاللاھ تائالانىڭ ھېساپ ئېلىش ۋە ئازابلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسى پەقەت باش رەھبەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەسئۇللارغىلا خاس بولماستىن بەلكى ئاللاھ تائالا ھەر قانداق بىر ئىشقا ئىگە قىلغان ھەممە كىشىگە ئومۇم بولىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا ئىگە بولغان كىشى، ئۇلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈش، ئامانەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر قېلىش كېرەك.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمى ياكى خۇسۇسى، چوڭ ياكى كېچىك ھەر قانداق ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بۈيۈكتۇر.
التصنيفات
شەرئى سىياسەت